ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرنى تاپالمىسىڭىز، باشقا ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

مەخسۇس سەھىپىلەر

قىززىق مەزمونلار

يېڭى مەزمونلار

بويالغۇچى تەنچە

تۆۋەندىكى نەتىجىدىن مەمنۇن بولمىسىڭىز، باشقا ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئىزدەش نەتىجىسى:

بويالغۇچى تەنچە

مەزكۇر بەتتە « بويالغۇچى تەنچە » سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە، تۈركچە، خەنزۇچە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىنى تاپالايسىز. ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى: Chromosome ، تۈركچە تەرجىمىسى : Kromozom ، خەنزۇچە تەرجىمىسى : 染色体 تەرجىمىدە بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مەزكۇر بەتتە بويالغۇچى تەنچە سۆزگە مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈلۈشى، رەسىم، فىلىم، پايدىلىق ئۇلىنىشلارنىمۇ تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

21 ترىزومى (دوۋن يىغىندى ئالامىتى) خروموزوم تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

مەزكۈر بەتتە 21 ترىزومى (دوۋن يىغىندى ئالامىتى) نىڭ خروزوما تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى بېرىلگەن. مەزكۈر كېسەللىك، 21.نومۇرلۇق خروموزوم (بويالغۇچى تەنچە) جۈپىدە بىر ئارتۇقچە خروموزوم پەيدا بولۇپ قېلىش سەۋەپلىك كېلىپ چىقىدۇ. 21 ترىزومى كېسىلىنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى دوۋن يىغىندى ئالامىتى بولۇپ، ترىزومى كېسەللىكلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىرسى ھىساپلىنىدۇ.

ئاياللار 23 جۈپ خروموزوما تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

ساغلام بىر ئادەمنىڭ بەدىنى ھۈجەيرە يادروسىدا 23 جۈپ خروموزوما (بويالغۇچى تەنچە) بار بولۇپ، بۇلار ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى، ئاقسىللارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە بارلىق بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىمۇ ئەڭ ئاخىرقى 23. نومۇرلۇق جۈپ خروموزومغا دىققەت قىلىڭ. XX ئىسىملىق ئىككى ئۇزۇن خروموزومدىن تۈزۈلگەن ۋە ئاياللىق جىنسىيىتى بەلگىلەيدۇ.

ئەرلەر 23 جۈپ خروموزوما تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

ساغلام بىر ئادەمنىڭ بەدىنى ھۈجەيرە يادروسىدا 23 جۈپ خروموزوما (بويالغۇچى تەنچە) بار بولۇپ، بۇلار ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى، ئاقسىللارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە بارلىق بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى 23. نومۇرلۇق جۈپ خروموزومغا دىققەت قىلىڭ. XY ئىسىملىق بىر ئۇزۇن بىر قىسقا خروموزومدىن تۈزۈلگەن ۋە ئەر جىنسىيىتى بەلگىلەيدۇ.

ساغلام ئەر ياكى ئايال 23 جۈپ خروموزوما رەسىملىك كۆرۈنۈشى

ساغلام ئەر ياكى ئاياللارنىڭ ھۈجەيرە يادروسىدىكى مۇھىم قىسم بولغان 23 جۈپ خروموزوم (بويالغۇچى تەنچە) تۈزۈلۈشى بېرىلدى. رەسىمدە جەمئىي 23 جۈپ خروموزوم گۇرۇپپىسى مەۋجۇد بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنى ھۈجەيرە يادروسىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان روللارنى ئوينايدۇ.

47،XYY يىغىندى ئالامىتى (ياقۇپ يىغىندى ئالامىتى) خروموزوما تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى

مەزكۈر بەتتە 47،XYY يىغىندى ئالامىتى (ياقۇپ يىغىندى ئالامىتى) خروموزوما تۈزۈلۈشى رەسىملىك كۆرۈنۈشى بېرىلگەن.

ترىزومى كېسەللىكلىرى تۈرلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

بۇ يەنە خروموزوم ئۈچلىنىش يىغىندى ئالامەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەنى بىر ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسى نورمالدا 23 جۈپ خروموزوم ئارقىلىق تۈزۈلسە، بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلگەندە، مەلۇم نومۇردىكى بىر جۈپتىكى خروموزوم 2 تال بولماستىن، 3 تال بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك ئادەم بەدىنىدە غەيرىلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار تۇغما كېسەللىكلەر ھىساپلىنىدۇ.

دەسلەپكى (ئىپتىدائىي) يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى

ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە:  ئالاھىدىلىكى: تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي. ھۈجەيرە يادروسى يوق. قىسمەن DNA, RNAلىرى بار. ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى يەنى پلازمىسى بار. ئەمما ھۈجەيرە...

دەسلەپكى يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشى

مەزكۇر رەسىمدە دەسلەپكى يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشىنى كۆرەلەيسىز. دەسلەپكى يادرولۇق ھۈجەيرە تۈزۈلۈشىنىڭ ئالاھىدىلىكى: تۈزۈلۈشى بىر قەدەر ئاددىي. ھۈجەيرە يادروسى يوق. قىسمەن DNA, RNAلىرى بار. ناھايىتى كىچىك بولىدۇ. ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقى يەنى پلازمىسى بار. ئەمما ھۈجەيرە ئورگانەللىرى كۆپ ئەمەس. مىسالى: مىكروپلار، دېڭىز يۇسۇنلىرى